Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 22:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ئوغرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇقى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 22:7
10 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن.


ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.


بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.


تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ.


ئەگەر بىرى ئۆزىنىڭ ئېڭىزلىرىنى كۆيدۈرگەندە، ئوت باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرى ياكى خامىنىغا تۇتىشىپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا، ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


_ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا،


باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار.


ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite