Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 22:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 22:4
11 Referans Kwoze  

ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىلسۇن. سوتچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم قارشى تەرەپكە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن.


ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ئوغرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇقى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.


ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ كالىسىنى ياكى قويىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ياكى سويۇپ يەۋەتكەن بولسا، بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلەپ بەرسۇن.


ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.


باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.


مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.


لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، تۆلەيدۇ ئۇ بىرگە يەتتە ھەسسە تۆلەمنى، تاپشۇرىدۇ ئۆي ئىچىدىكى بارلىق بىساتىنى.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


ئەگەر بىرى ئېتىزلىقتا ياكى ئۈزۈمزارلىقتا پادا بېقىپ، پادىلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، پادىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى زىرائەتلەرنى ياكى ئۈزۈملەرنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئېتىزى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.


سامۇئىل ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. ئۇلار سامۇئىلغا: _ گۇۋاھ بولسۇن! _ دېيىشتى.


ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite