Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 22:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 لېكىن بۇ ئىش كۈندۈزى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق گۇناھى ئارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى تۆلىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆزىنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، زىياننى تۆلىسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 22:3
9 Referans Kwoze  

«ئەگەر بىرى ئىبرانىيلار ئىچىدىن قۇل سېتىۋالغان بولسا، قۇل پەقەت ئالتە يىل خوجايىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. يەتتىنچى يىلى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن ھەم ئۇ خوجايىنىغا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي كېتىۋەرسۇن.


چاكارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشنى بۇيرۇپتۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.


ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن.


غوجىدار: _ دېگىنىڭلاردەك بولسۇن. كىم جامنى ئوغرىلىغان بولسا، شۇ مېنىڭ قۇلۇم بولسۇن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.


قۇدۇق ئىگىسى مال ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. ئۆلگەن مال قۇدۇق ئىگىسىنىڭ بولسۇن.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite