26 ئەگەر باشقىلار چاپىنىنى سىلەرگە گۆرۈگە قويغان بولسا، كۈن پاتقۇچە قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
ناتونۇشقا كاپالەت بولغان كىشىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال، ياتقا كېپىل بولغاندىن كېپىللىك ئال.
ئۇلار ئۆزلىرىگە گۆرۈگە قويۇلغان كىيىملەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تېگىگە سېلىپ يېتىشتى. ئۇلار بۇتخانىلاردا ناھەق ئېلىنغان جېرىمانىلەر بىلەن سېتىۋېلىنغان شارابلارنى ئىچىشتى.
قەرزدارنىڭ يارغۇنچاق تېشى قەرز ھېسابىدا گۆرۈگە ئېلىنمىسۇن. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى گۆرۈگە ئالغانغا باراۋەردۇر.
باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسا، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،
باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،
قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى، ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟
ئۇلار يېتىملەرنىڭ ئېشەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئۆكۈزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.
يات خەلقلەر ۋە يېتىملەرگە ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. تۇل ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالماڭلار.
گۆرۈگە ئالغان ۋە ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرسا، ئىنسانغا ھاياتلىق بېرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادالەتسىزلىك قىلمىسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.
رەزىللەر تۇل ئاياللارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ، نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئالىدۇ.
سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ گۆرۈگە قويغان مال-مۈلكىنى سەۋەبسىز ئېلىۋالدىڭ، نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى تارتىۋالدىڭ.
ئۇلار كېچىلەرنى يالىڭاچ ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن دالدا قىلغۇدەك يېپىنچىلىرى يوق.
ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.
بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.
ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى.