23 ئەگەر ئۇلارنى خورلىساڭلار، ئۇلار ماڭا نالە قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن ۋە
بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟
ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.
ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.
ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر.
سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
كىشىلەر خىلمۇخىل زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندا ۋارقىرايدۇ. ھوقۇقدارلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلەر ياردەم تىلەيدۇ.
ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.
بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.
ھەر كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار نامرات بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭلار، ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھقا قالىسىلەر.
چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىشىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇلار نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ناۋادا ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى مەن رەھىمدىلدۇرمەن.
پەرۋەردىگار تۇل ئايال، يېتىملەرگە ئادالەتلىكتۇر، ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى يېمەكلىككە، كىيىمگە ئىگە قىلىدۇ.
بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.
ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.
بىز ئايلاندۇق ئاتىسىز يېتىم بالىغا، ئانىلىرىمىز ئايلاندى تۇل خوتۇنغا.