2 ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن.
لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، قاراپ تۇرۇپ، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە.
قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن.
چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ.
ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋالىماقچى بولغىنىمدا، ئەفرايىمنىڭ گۇناھلىرى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ، كوچىلاردا قاراقچىلىق قىلىدۇ.
ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، خۇددى ئوغرىلاردەك ئەيىبلىنەتتى.
قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ.
ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.
ئوغرىلار كېچىلىرى تام تېشىدۇ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. نۇر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ.
كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،