17 ئەگەر قىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىشكە رازى بولمىسا، ئۇ ئادەم قىزنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان پۇل تۆلەپ بەرسۇن.
پەقەت دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.
سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.
بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر.
ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 400 كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەردى.
ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئىبرانىي تىلىدىكى «سوۋغات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.
ئاراڭلاردا ئوغۇل-قىزىنى كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدىغانلار، پال سالىدىغانلار، رەمچىلەر، سېھىرگەرلەر،
ئۇ چاغدا سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلىپ، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتاتتى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى.