Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 22:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ ھايۋىنىنى ئارىيەت ئالغاندىن كېيىن بۇ ھايۋان ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئارىيەت ئالغۇچى ھايۋاننى تۆلەپ بەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 22:14
11 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق بولسۇن: بارلىق قەرز ئىگىلىرى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىڭلار. ئۇلاردىن قەرز سۈيلىمەڭلار، چۈنكى قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندۇر.


باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋاننىڭ ئورنىغا ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن. جانغا جان قايتۇرسۇن.


قۇدۇق ئىگىسى مال ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. ئۆلگەن مال قۇدۇق ئىگىسىنىڭ بولسۇن.


ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ.


ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ ھايۋانلارنى ئېلىۋالمىغانلىقى توغرىسىدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن، ھايۋان ئىگىسىمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلەم تۆلىمىسۇن.


بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.


قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر، ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار.


يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۆزۈمزارلىق ئالۋان-سېلىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق.


ئەگەر ھايۋاننى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى يەپ كېتىلگەن ھايۋاننىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ، ئىسپات قىلىپ كۆرسەتسۇن، تۆلەم تۆلىمىسۇن.


ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ھايۋان ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، پەقەت ئىجارە ھەققىنى تۆلىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite