Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 22:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 بىرى ئېشىكى، كالىسى، قويى ياكى باشقا ھايۋانلىرىنى قوشنىسىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ھايۋانلار ئۆلۈپ قالسا، يارىلانسا ياكى باشقىلار ئېلىپ كەتسە، لېكىن بۇنى ھېچكىم كۆرمىسە،

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 22:10
6 Referans Kwoze  

ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..


ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟


بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.


يۈسۈپ رەت قىلىپ: _ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم ماڭا ئىشىنىپ، بارلىق مال-مۈلكىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقىلا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىدىن خاتىرجەم.


ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىلسۇن. سوتچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم قارشى تەرەپكە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن.


ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ ھايۋانلارنى ئېلىۋالمىغانلىقى توغرىسىدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن، ھايۋان ئىگىسىمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلەم تۆلىمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite