1 ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ كالىسىنى ياكى قويىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ياكى سويۇپ يەۋەتكەن بولسا، بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلەپ بەرسۇن.
زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا: - يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، - دېدى.
باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى لازىمدۇر، _ دېدى.
لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، تۆلەيدۇ ئۇ بىرگە يەتتە ھەسسە تۆلەمنى، تاپشۇرىدۇ ئۆي ئىچىدىكى بارلىق بىساتىنى.
ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە زىياننىڭ بەشتىن بىر ئۈلۈشىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك.
ئۆكۈزۈڭ بولمىغاندا ئوقۇر قۇرۇق تۇرار، لېكىن ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار.
ئەگەر خوجايىن ئۆز ئۆكۈزىنىڭ ئۈسىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى باغلاپ قويماي باشقىلارنىڭ ئۆكۈزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، خوجايىن ئۆكۈزىنىڭ ئورنىغا ئۆكۈز تۆلەپ بەرسۇن. ئۆلگەن ئۆكۈزنى ئۆزى ئېلىپ قالسۇن.
گۆرۈگە ئالغان ۋە ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرسا، ئىنسانغا ھاياتلىق بېرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادالەتسىزلىك قىلمىسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.
كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،