27 ئەگەر ئۇ كىشى قۇل ياكى دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكەن بولسا، چىشىنىڭ بەدىلىگە ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلسۇن.
ئەگەر بىر كىشى قۇل ياكى دېدىكىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ بىر كۆزىنى كور قىلىپ قويغان بولسا، كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشى قۇلىنى ئازاد قىلسۇن.
ئەگەر بىرسىنىڭ ئۆكۈزى ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلگۈچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆكۈز چوقۇم چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر، لېكىن ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى گۇناھكار ھېسابلانمىسۇن.