20 كىمدەكىم قۇلىنى ياكى دېدىكىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ جازاغا تارتىلسۇن.
چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭساڭ، ئەلۋەتتە قورقۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقى بار-دە! ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يامان يولدا ماڭغۇچىلارنى جازالاشقا تەيىنلەنگەن.
سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس قۇلنىڭ خاتالىقىنى، ئېتىبار قىلماس ئۇ چۈشەنسىمۇ سۆزۈڭنى.
رەزىللەرگە رەھىم قىلماڭلار، جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىڭلار.
ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.
مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.
قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا، مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.»
لېكىن پەرۋەردىگار: _ ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، _ دېدى. پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە سېلىپ قويدى.
لېكىن ئۇ كىشى كېيىن ساقىيىپ، ھاسا تۇتۇپ ماڭغۇدەك بولسا، ئۇرغۇچى گۇناھسىز دەپ ھېسابلانسۇن. ئەمما يارىلانغۇچىنىڭ ۋاقىت جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى تۆلىسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن.
لېكىن قۇل ياكى دېدەك ئۆلمەي، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ساقىيىپ قالسا، خوجايىن جازالانمىسۇن، چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ تەئەللۇقاتىدۇر.