Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 21:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 «ئەگەر بىرى ئىبرانىيلار ئىچىدىن قۇل سېتىۋالغان بولسا، قۇل پەقەت ئالتە يىل خوجايىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. يەتتىنچى يىلى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن ھەم ئۇ خوجايىنىغا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي كېتىۋەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 21:2
18 Referans Kwoze  

قۇللىرىڭلارنى ئازاد قىلىدىغان ۋاقتىڭلاردا ئەپسۇسلانماڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە ئالتە يىل خىزمەت قىلدى. ئادەتتە قۇلنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى مەدىكارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئەجىرلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.


لېكىن ئۆزۈڭلار سېتىۋالغان ھەم خەتنە قىلغان قۇللار يېسە بولىدۇ.


يىغىندا مەن ئۇلارغا: _ بىز يات خەلقلەرگە ئامالسىز سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۆلەم تۆلەپ قايتۇرۇۋالغانىدۇق، ئەمدى سىلەر ئۇلارنى يەنە قۇللۇققا سېتىۋاتىسىلەر! بىز ئۇلارنى قايتىدىن قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟! _ دېدىم. ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپ كەتتى ۋە ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى.


مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھەر يەتتىنچى يىلدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا،


_ ھەر يەتتىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.


لېكىن بۇ ئىش كۈندۈزى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق گۇناھى ئارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى تۆلىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆزىنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، زىياننى تۆلىسۇن.


چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار.


چاكارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشنى بۇيرۇپتۇ.


پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكى بىر كىشىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى ئەمدىلىكتە ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى.


ئەساۋ: _ بۇ ئۇنىڭ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئالدىشى. ئۇنىڭ ياقۇپ دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئۇ مېنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇمنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى ماڭا مەنسۇپ بولغان دۇئانىمۇ تارتىۋاپتۇ. ئاتا، مەن ئۈچۈن دۇئايىڭىز قالمىدىمۇ؟ _ دېدى.


خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق، شارابلارنى ئاتا قىلغاي.


ئەگەر ئۇ قۇل بولغان ۋاقتىدا بويتاق بولغان بولسا، كېتىدىغان ۋاقتىدىمۇ بويتاق پېتى كەتسۇن. ئەگەر ئۇ قۇل بولۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىق بولغان بولسا، ئايالى بىلەن بىرگە كەتسۇن.


ئەگەر بىرى قىزىنى دېدەك قىلىپ سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ قىز ئەرلەرگە ئوخشاش ھەقسىز ھۆر بولۇپ كېتەلمەيدۇ.


قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite