16 باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
كىمكى ئىسرائىل قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئۇنى قۇل ئورنىدا ساتسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.
زىناخورلار، ئوخشاش جىنستىكى بۇزۇقلار، قۇل سودىگەرلىرى، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر.
ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن.
شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.
يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەت باھالىق تاش، ئۈنچە-مەرۋايىت، ئېسىل كەندىر رەخت، سۆسۈن تاۋار-دۇردۇن، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەر تۈرلۈك خۇشبۇي ياغاچلار، پىل چىشى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار،
ئوغرىلىق قىلماڭلار.
ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ئۇرغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.