مىسىردىن چىقىش 20:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن. Gade chapit la |
ئۇ چېچىمدىن تۇتتى. چېچىمدىن تۇتقىنى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئاندىن روھ مېنى غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈپ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ ماڭدى ۋە مېنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىر بۇت بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قىزغىناتتى.
لېكىن سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرى بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ پادىشاھىم ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، پاداىشاھىم مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇڭا پەرۋەردىگارلىرىنىڭ پېقىرنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن، _ دېدى.