Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 20:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ماڭا پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماڭلار. بولمىسا پەلەمپەيدىن چىققۇچە نومۇسلۇق يېرىڭلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 20:26
8 Referans Kwoze  

خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن.


سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.


خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تامبال تىكىلسۇن. تامبال پەقەت ئەۋرىتىنى يېپىپ تۇرۇش ئۈچۈن، تىزىغىچە ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرىقدانغا يېقىنلاشقاندا، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن تامبال كىيىۋالسۇن. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.


ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ گىرۋىكىگە يېرىم مېتىر كەڭلىكتە ئېرىق ياسالسۇن، ئېرىقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە قىر چىقىرىلسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە پەلەمپەي بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite