Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 20:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىساڭلار، يونۇلانغان تاشتىن ياسىماڭلار. چۈنكى مەن ئەسۋاب تەگكەن تاشنى قوبۇل قىلمايمەن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 20:25
6 Referans Kwoze  

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى: «تاراشلانمىغان، تۆمۈر ئەسۋابلار تەگمىگەن تاشلاردا ماڭا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئاندىن ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.


توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، ئىسكىنە قاتارلىق ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى.


كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆت ئۈستەل تاشتىن يونۇپ ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 75 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇلارغا كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارمۇ قويۇلاتتى.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە 12 تاشنى تىكلىدى. 12 تاش ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite