مىسىردىن چىقىش 20:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى24 توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. Gade chapit la |
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.
پادىشاھ رىخوبئام ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېرۇسالېمدا داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان جايدا تەقدىم قىلىڭلار. تەقدىم قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، ئىچىڭلار. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن بىر ئۆمۈر ئەيمىنىشنى ئۆگىنىسىلەر.