21 لېكىن كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشتى، پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى.
بۇ چاغدا پادىشاھ سۇلايمان: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق، قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ.
سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.
كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.
لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.
يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى، پارچىلىدى قاپقارا بۇلۇتلارنى.
يۇقىرىدىكىلەر پۈتۈن خەلق تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ تاغ ئۈستىدە ئوت، قارا بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سىلەرگە ئېيتقان ئون پەرزىدۇر. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يېزىپ، ماڭا تاپشۇردى.
ئەينى چاغدا سىلەر ئوتتىن قورققانلىقىڭلار ئۈچۈن، تاغ ئۈستىگە چىقمىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:
مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: