Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 20:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 20:19
9 Referans Kwoze  

بۇنى سىلەر سىناي تېغىدا يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن تەلەپ قىلغانىدىڭلار. ئەينى چاغدا سىلەر: «ئەي پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، ئەمدى بىزگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتمىغايسەن، بىزگە يەنە ئوت يالقۇنۇڭنى كۆرسەتمىگەيسەن، بولمىسا بىز ئۆلىمىز» دېگەنىدىڭلار.


ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.


بىراق ساڭا ئۆز دىدارىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ.


ئەينى چاغدا سىلەر ئوتتىن قورققانلىقىڭلار ئۈچۈن، تاغ ئۈستىگە چىقمىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:


ياقۇپ ئىچىدە: _ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى.


ئۇ جايدا چاقىرىق كانىيىنىڭ ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغانلار: «بۇنداق سۆزلەر ئەمدى بىزگە ئېيتىلمىسىكەن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرغانىدى.


ئادەم: _ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite