15 ئوغرىلىق قىلماڭلار.
«زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.
بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن.
ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.
باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار.
- قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھېلىقى يىگىت. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە،
ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.
بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.
پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن، خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن.
كىمكى ئىسرائىل قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئۇنى قۇل ئورنىدا ساتسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.
بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.
ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى.
ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خەلقىم ھەق ئىش قىلىشنى بىلمىدى. ئۇلار سارايلىرىنى زومىگەرلىك بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار بىلەن تولدۇردى.»
باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.
ئوغرىلىق قىلماڭلار.