Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 20:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 زىنا قىلماڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 20:14
24 Referans Kwoze  

ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


«زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.


لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»


ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.


باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.


ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.


ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.


- قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھېلىقى يىگىت. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە،


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


خۇدا: «زىنا قىلما» دېگەن ھەم «قاتىللىق قىلما»~مۇ دېگەن. شۇڭا، ئەگەر سىلەر زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن تەڭ بولىسىلەر.


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.


مەن بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ھوقۇقلۇق. ئۇ سىزدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite