7 بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە: _ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلاردىن بوۋاقنى ئېمىتىدىغانغا بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.
ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى.
مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى.
ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەمنىڭ قولىدا داپ بار ئىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.
مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: _ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.
مەلىكە: _ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى.