Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پىرئەۋننىڭ قىزى، يەنى مەلىكە دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 2:5
12 Referans Kwoze  

سىرتقا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق، پادىشاھنىڭ قىزى ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى.


«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»


پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.


كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پىرئەۋن دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي.


ئەتە ئەتىگەندە ئۇ نىل دەرياسىغا بارىدۇ. سەن دەريا بويىدا كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش. يىلانغا ئايلانغان ھېلىقى تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋال.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


قۇزغۇنلار ئەتىگىنى ۋە كەچتە ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى.


پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى.


مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: _ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite