Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇ بالىنى يوشۇرالمىغۇدەك يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى قارا موم بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا يوشۇرۇن بېرىپ، سېۋەتنى سۇغا قويۇۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 2:3
10 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە: _ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.


بۇ پادىشاھ ئەجدادلىرىمىزنى ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى.


سەن ياخشى ياغاچتىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا، كېمىدە ئۆيلەر بولسۇن. كېمىگە سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن كېمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارا موم سۈركىگىن.


ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.


ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.


مۇنەججىملەر كەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: - ئورنۇڭدىن تۇر! ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا خەۋەر بەرگۈچە ئۇ يەردە تۇر. چۈنكى، ھىرود پادىشاھ بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.


ئۇلار ئۆزئارا: _ كېسەك قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا موم ئىشلىتىدىغان بولدى.


مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ، سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.


سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.


قىزىق قۇملۇقلاردا كۆللەر پەيدا بولىدۇ. قاغجىراپ كەتكەن تۇپراقتىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇرۇن چىلبۆرىلەر ياشىغان يەرلەردە قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite