25 خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى.
ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى، ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى. پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى.
پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.
ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.
ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار» دەيمەن.
بەلكىم پەرۋەردىگار قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، قارغىشنىڭ ئورنىغا بەخت ئاتا قىلىپ قالار، _ دېدى.
ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ: ‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ، خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،
ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.
كېيىن مىسىردا يېڭى بىر پىرئەۋن، يەنى پادىشاھ تەختكە چىقتى. ئۇ يۈسۈپ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى.
مەن مىسىردىكى بەندىلىرىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ھەقىقەتەن ئاڭلىدىم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن. مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.
خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا.
مۇسا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قىلغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئىسرائىللارنىڭ يول بويى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا يالۋۇردۇق. ئۇ بىزنىڭ نالە-پەريادلىرىمىزنى ئاڭلىدى. قىيىنچىلىقىمىزنى، جاپالىرىمىزنى، ئېزىلگەنلىكىمىزنى كۆردى.
بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.
مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.