Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 2:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئاتىسى قىزلىرىغا: _ ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتقا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىرگە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 2:20
12 Referans Kwoze  

ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى.


ئۇلار سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، چۈشتە يۈسۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇردى. چۈنكى ئۇلار يۈسۈپ بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.


ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.


ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.


ئايۇپنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بۇرۇنقى دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غىزالاندى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كەلتۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ۋە تەسەللى بەردى. ھەر بىرى ئۇنىڭغا بىردىن ئالتۇن ھالقا ۋە كۈمۈش ھەدىيە قىلىشتى.


ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى، ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى.


غىزالىنىشلىرى ئۈچۈن بىرئاز يېمەكلىك ئېلىپ كېلەي. ئارام ئېلىپ، ئاندىن يوللىرىنى داۋاملاشتۇرغايلا، كەلگەنلىكلىرىدىن خۇشال بولدۇم، _ دېدى. _ رەھمەت، ئېيتقانلىرى بولغاي، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.


لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.


ئۇلار: _ بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite