19 ئۇلار: _ بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
بۇنى كۆرگەن كەنئانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشتى. شۇڭا بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.
ياقۇپ راھىلە بىلەن تاغىسى لاباننىڭ قوي پادىسىنى كۆرۈپلا، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى.
ئۇلار ئاتىسى رىئۇئېلنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئاتىسى ئۇلاردىن: _ بۈگۈن ئەجەب بۇرۇنلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دەپ سورىدى.
ئاتىسى قىزلىرىغا: _ ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتقا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىرگە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى.