Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى ئۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇققا كېلىپ، سۇ تارتىپ، نورنى تولدۇرۇشاتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 2:16
11 Referans Kwoze  

مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.


شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكتۈردى. بۇ كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.


پىرئەۋن يۈسۈپكە مىسىرچە زافنات-پانېئاخ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. يۈسۈپ مىسىرنىڭ پىرئەۋنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پىرئەۋن ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.


ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ پادىشاھى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ،


مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ.


ئۇ دالادىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. قويچىلار قويلىرىنى شۇ قۇدۇقتىن سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزى يوغان بىر تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلغانىدى.


مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى ۋە مىديان روھانىيسى بولغان يېترو خۇدانىڭ مۇسا ۋە ئىسرائىللارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائاملارنى يېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite