Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ھېلىقى كىشى: _ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 2:14
17 Referans Kwoze  

- بۇرادەر، كىم ماڭا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قازىلىق قىلىش ياكى مىراسىڭلارنى ئايرىپ بېرىش ھوقۇقىنى بېرىپتۇ؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى.


بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ.


لېكىن ئۇلار: _ يوقال! سەن تېخى ياقا يۇرتتىن كېلىپ، بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگۈدەك قانچىلىك ئادەم ئىدىڭ؟ كۆزىمىزدىن يوقال! بولمىسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن، _ دېيىشتى ۋە لۇتنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئىشىكنى بۇزۇپ، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولۇشتى.


مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى.


شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.


سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك كۆرۈپ بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟


ئۇلار بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كەتتىڭلار! ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەربىر ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر، پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەنمۇ بىللىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىدىن ئۈستۈن قىلىۋالىسىلەر؟ _ دېيىشتى.


شۇڭا ئىبرام لۇتقا: _ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن.


مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»


بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ مىسىردىن ئايرىلدى. چۈنكى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي، ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى.


قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite