8 خەلق بىردەك: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. مۇسا تاغقا چىقىپ، خەلقنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.
ئاندىن كېيىن ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. خەلق: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى.
مۇسا قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى خەلققە بايان قىلدى. پۈتۈن خەلق: _ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، _ دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى.
ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:
پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىمىز، _ دېيىشتى.
خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.
ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ ياق، بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز! _ دېدى.