Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 19:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 19:3
12 Referans Kwoze  

مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن: _ مۇسا! مۇسا! _ دەپ چاقىردى. _ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.


ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.


لېكىن كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشتى، پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى.


سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييارلىقىڭنى پۈتتۈرۈپ، سىناي تېغىغا چىقىپ، تاغنىڭ چوققىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىن.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەل. خەلقنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەن پۈتۈن قانۇن ۋە پەرزلەرنى ئىككى تاش تاختىغا يازدىم. ئۇنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، _ دېدى.


مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا چىقتى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ، ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى سىناي تېغىغا ئېلىپ چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite