Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 19:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كەل. لېكىن روھانىيلار بىلەن خەلق بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھالقىپ، بۇ يەرگە كەلمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 19:24
20 Referans Kwoze  

شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.


چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.


ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق، يەھيا كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇنىڭغا كىرمەكتە.


- ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ.


چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بېرى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. زوراۋانلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتا.


مۇسا، ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ھەمدە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار.


بىراق سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى تاپىلىغىن. كىمدەكىم بەلگىلەنگەن چېگرادىن ئۆتۈپ، بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزدى.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈز پۇتلىشىپ كەتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite