Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 19:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بىراق سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى تاپىلىغىن. كىمدەكىم بەلگىلەنگەن چېگرادىن ئۆتۈپ، بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 19:12
11 Referans Kwoze  

سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر كىلومېتىر ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ ئۇقتۇردى.


لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.


سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار،


ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ خەلق بۇ يەرگە چىقمايدۇ، چۈنكى سەن بىزنىڭ بۇ تاغنى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىشىمىزنى ۋە تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلىشىمىزنى بۇيرۇغانىدىڭ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ.


پىرئەۋن مۇساغا: _ كۆزۈمدىن يوقال، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما! يەنە كۆرۈنگۈچى بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن! _ دېدى.


سىلەر ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە قارا بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق، قارا بوران قاپلىغان سىناي تېغىغا كەلمىدىڭلار.


ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىرگە كەلمىسۇن. تاغنىڭ ھېچ يېرىدە ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا تاغنىڭ ئېتىكىدە چارۋا ماللىرىمۇ ئوتلىمىسۇن، _ دېدى.


ئالدىمغا يالغۇز ئۆزۈڭلا كەل. باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن. خەلقمۇ سەن بىلەن بىرگە تاغقا چىقمىسۇن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite