Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 19:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 19:1
16 Referans Kwoze  

پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ باردى.


پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن.


رىفىدىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىناي چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.


_ ھازىردىن باشلاپ، بۇ ئاي ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


_ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،


پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى:


_ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار.


سىلەر سىناي تېغىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى ھۇزۇرۇمغا يىغقىن، ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، مەندىن ئۆمۈر بويى ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن، پەرزەنتلىرىگىمۇ ئۆگەتسۇن» دېدى.


_ پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىكى ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆزلەۋاتقاندا، سىلەر ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرمىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئىنتايىن ھوشيار بولۇڭلار،


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى.


شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، چۆللۈككە باشلاپ باردىم.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite