مىسىردىن چىقىش 18:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 يېترو بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. Gade chapit la |
ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.
مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.