6 ئۇ قارارگاھقا كېلىشتىن بۇرۇن مۇساغا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى.
يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا، يەنى مۇسا قارارگاھ قۇرغان چۆللۈككە كەلدى.
شۇڭا مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى تەزىم قىلىپ كۈتۈۋالدى ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.