Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 18:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا، يەنى مۇسا قارارگاھ قۇرغان چۆللۈككە كەلدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 18:5
10 Referans Kwoze  

مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، غىزالىنىپ، شۇ تاماقنىڭ كۈچى بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى بولغان سىناي تېغىغا كەلدى.


پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى.


ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىسى تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن.


شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا: _ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى.


ئۇ قارارگاھقا كېلىشتىن بۇرۇن مۇساغا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى.


سىناي تېغى باغرىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. ئۇلار رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى.


مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite