Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 18:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى پىرئەۋننىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 18:4
19 Referans Kwoze  

شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى: «قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر. كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»


لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلدىم. رەببىم بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، مېنى ھىرود خاننىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان بارلىق زىيانكەشلىكىدىن قۇتقۇزۇپتۇ» دېدى.


مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم.


كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.


ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.


قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.


كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.


مۇسانىڭ گېرشوم ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


پىرئەۋن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق مۇسا مىديان ئېلىگە قېچىپ كەتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى.


مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىدىيان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.


دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈردى، قىلىچتىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.


ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار، ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار. ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ، يەردىكى بۇلاقلارنى ئاتا قىلار. چارۋا ماللىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ، ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر.


زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.


ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.


پىرئەۋن مۇساغا: _ كۆزۈمدىن يوقال، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما! يەنە كۆرۈنگۈچى بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite