27 كېيىن مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ئىجازەت بەردى، يېترو ئۆز يۇرتىغا قايتتى.
لاۋىي توقىلىنى ئېلىپ چاكىرى بىلەن مېڭىشقا تەمشەلگەندە، قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا يەنە: _ قاراڭلار، كەچ بولاي دەپ قالدى، كۈنمۇ ئولتۇراي دېدى، بۈگۈن قونۇپ قېلىڭلار. مۇشۇ يەردە كۆڭۈل ئىچىپ، ئەتە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، يولغا چىقىڭلار، _ دېدى.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رىبەقانى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قوشۇپ يولغا سالدى.
ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تۇرۇۋاتقان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ يولىدا كېتىۋاتقاندا،