Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 18:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئەگەر مېنىڭ مەسلىھەتلىرىمنى خۇدا خالىسا، سەن خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن، خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 18:23
15 Referans Kwoze  

بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزۈڭنىمۇ، ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرگىن! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ئىسرائىللارغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، _ دېدى.


ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.


پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ئىبراھىممۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.


ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.


راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا: _ ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي.


ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنىنى ئاتا قىلدىم. شۇڭا سىلەرگە ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، سىرتقا چىقمىسۇن، _ دېدى.


ئاندىن خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇلارغا تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق ماجىرالارنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىپ، كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن. شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ.


مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite