Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 18:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئاندىن خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇلارغا تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق ماجىرالارنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىپ، كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن. شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 18:22
12 Referans Kwoze  

مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.


گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:


ئۇنىڭ ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى.


ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى.


ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى. ئۇلار كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق ماجىرالار بولسا مۇسانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى سوراشتى.


باج تاپشۇرۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇدۇر. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان خىزمەتكارلىرىدۇر.


بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزۈڭنىمۇ، ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن.


ئەگەر مېنىڭ مەسلىھەتلىرىمنى خۇدا خالىسا، سەن خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن، خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.


لېكىن ئۆزلىرى خۇدا سىلىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتلىرى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا تەلىم بەرگەيلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite