17 قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا: _ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس.
ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا بولسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزۈڭنىمۇ، ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن.
ئىبراھىم بىر پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭ ساڭا دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئايالىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەر. شۇندىلا سەن ھايات قالىسەن. لېكىن سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر بۇ ئايالنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، پۈتۈن خەلقىڭ بىلەن بىرگە ھالاك بولىسەن!
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
شۇڭا، ئون ئىككى ئەلچى پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىز ئەلچىلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا ئەمەس.