Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 18:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا بولسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 18:16
20 Referans Kwoze  

مېڭىش ئالدىدا مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا: _ بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىلەر بۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. بىرەر تالاش-تارتىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەل قىلىڭلار، _ دېدى.


ئاراڭلاردا بىر ئېتىقادچىنىڭ يەنە بىر ئېتىقادچى ئۈستىدىن دەۋالىرى بولسا، ئۇنى ئېتىقادچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، خۇدانى تونۇمايدىغان سوراقچىغا ئەرز قىلىپ بارغىنى قانداق بولغىنى؟


ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.


مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ، ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن.


ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ماڭا تۆۋەندىكى ئەمر ۋە قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ئەمر قىلدى. ئۇنىڭغا سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئەمەل قىلىڭلار.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى.


سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى مەن خۇدانى ھاقارەتلىسە، شۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.


تۆھمەت قىلىپ ئەرز قىلماڭلار. بىگۇناھ، دۇرۇس ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەڭلار. چۈنكى مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن.


ئەتىسى مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىبرانىينىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە: _ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.


قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا: _ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس.


ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار مەيلى قاتىللىققا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان ۋە قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، ئالدىڭلارغا ئەرز ئېلىپ كەلسە، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن. بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە ھەم خەلققە چۈشىدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيىبسىز بولىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite