8 ئامالەكلەر رىفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان چاغدا، ئامالەكلەر ئۇلارغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى جازالايمەن.
ئەلىفازنىڭ توقىلى تىمنا بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئامالەك ئىدى.
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.
بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»
گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك، فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى،
كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك. بۇلار ئىدوم رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سىن چۆلىدىن چىقىپ، سەپەر قىلىپ، رىفىدىمدە چۈشكۈن قىلدى. بىراق ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.)
ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.
نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن.
ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.
سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى. ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.