Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 17:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇنداق قىلىپ، يوشۇۋا ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىرغىن قىلىپ، ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 17:13
9 Referans Kwoze  

يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى.


ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.


ئىككىنچى كۈنى پەرۋەردىگار لاكىش شەھىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار لىبناھ شەھىرىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى.


شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىككى قولىنى ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن تاكى كۈن پاتقۇچە كۆتۈرۈپ تۇردى.


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.


يوشۇۋا ئاي شەھىرىدە ياشايدىغان بارلىق خەلق تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە نەيزىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite