10 يوشۇۋا مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى.
مېڭىش ئالدىدا مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا: _ بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىلەر بۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. بىرەر تالاش-تارتىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەل قىلىڭلار، _ دېدى.
بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى.
_ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدىم.
مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىككى قولىنى ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن تاكى كۈن پاتقۇچە كۆتۈرۈپ تۇردى.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى.
ئازۇبا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالىب ئەفراتاغا ئۆيلەندى. ئەفراتا ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى.