1 ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سىن چۆلىدىن چىقىپ، سەپەر قىلىپ، رىفىدىمدە چۈشكۈن قىلدى. بىراق ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى.
سىناي تېغى باغرىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. ئۇلار رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى.
پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ باردى.
ئامالەكلەر رىفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى.
كېيىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تاپالمىدى.
ئۇ چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا، چېدىرلىرىنى تىكەتتى.
ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچۈشى ياكى چېدىرلىرىنى تىكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.