Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 16:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 16:7
17 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»


سەن ۋە سېنىڭ شېرىكلىرىڭنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرغىنى ھارۇن بولماستىن ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردۇر!


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: - بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، - دېدى.


ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.


شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى.


ھارۇن پۈتۈن خەلققە گەپ قىلىۋاتقاندا، ئۇلار چۆللۈكتە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.


خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىۋاتقاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈشتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى نامايان بولغانىدى.


ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى.


_ بۇ رەزىل خەلق قاچانغىچە ماڭا نارازىلىق قىلىدۇ؟ مەن ئىسرائىللارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى.


ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى.


مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى.


_ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچتە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن.


پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى.


كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite