Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 16:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 16:35
16 Referans Kwoze  

ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.


ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»


ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.


ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.


ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا ئاتا قىلغان ئوخشاش بىر يېمەكلىكنى يېگەن ۋە «روھىي تاش»~تىن چىققان ئوخشاش بىر سۇنى ئىچكەن. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بۇ «روھىي تاش» دەل ئەيسا مەسىھ ئىدى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ھېسابلانغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».


كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يىرتىق بولمىدى، پۇتۇڭلارمۇ ئىششىمىدى.


لېكىن پەرۋەردىگار تاكى بۈگۈنگىچە سىلەرگە چۈشىنەلەيدىغان قەلب، كۆرەلەيدىغان كۆز، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بەرمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite